باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتىدىن ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلدى

2018.09.19 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتىدىن ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلدى.

  باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا تەرەپ خەلقئارانىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قارشى پىكرىگە قارىماي، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتىغا ئامېرىكىنىڭ 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ %10 تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئۇندىن كېيىن يەنە باشقا تاموژنا بېجىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىمىز. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە يەر شارىنىڭ ئەركىن سودا تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ئوخشاش دەرىجىدە جازاغا قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ.

  ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىشتە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىشىگە يېڭى ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلدى. بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قىلمىشنىڭ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان يامان ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتىشىنى ھەمدە كىشىنى قايىل قىلارلىق ۋاسىتە قوللىنىپ، بۇ ئىشنى ۋاقتىدا ئوڭشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر