باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە «ئالدىن قول سالماسلىق خاتالىقى»نى ئەمدى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2018.09.17 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ 16- سېنتەبىر، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئالدىن قول سالماسلىق خاتالىقى»نى ئەمدى ھەرگىز ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نېتانىياخۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابېنت قەرەللىك يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 45 يىل بۇرۇن، مىسىر ۋە سۇرىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇش قوزغاش مۇددىئاسى كۈنسايىن ئايدىڭلاشقان ھەمدە تەھدىت ئاللىقاچان قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا تۇرغان ۋاقىتتا، ئەينى يىللاردىكى سىياسىي رەھبەر «ئالدىن قول سېلىپ» دۈشمەنگە زەربە بېرىشكە رۇخسەت قىلماسلىقتەك «ئېغىر خاتالىق»نى سادىر قىلغان ئىدى. «بىز بۇ خاتالىقنى ھەرگىز سادىر قىلمايمىز».

  نېتانىياخۇ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە چوقۇم «پۈتۈن كۈچى بىلەن» ئۇرۇش يۈز بېرىشنى توسۇشى كېرەك، لېكىن ئەگەر مەجبۇرىي ھالدا ئۇرۇشقا يۈزلەنگەندە، چوقۇم بارلىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئەڭ كىچىك زىيان بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە يەنە دۈشمەننىڭ ئىلغار قوراللار بىلەن جابدۇقلىنىشىنى داۋاملىق توسىدۇ.

  ئىسرائىلىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئىراننى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى ھەمدە ئىراننىڭ سۇرىيەنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا ئىسرائىلىيەنىڭ تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئىسرائىلىيە كۆپ قېتىم ئىراننىڭ سۇرىيەدىكى نىشانلىرىغا زەربە بەردى. سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە پايتەختى دەمەشىق خەلقئارا ئايرودرومى 15-سېنتەبىر كەچتە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر