سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونىدا، «مانگۇستان» ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك بوران دەل- دەرەخلەرنىڭ سۇنۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 22- نومۇرلۇق تەيفېڭ «مانگۇستان» 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 17 دە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيشەن شەھىرى خەييەن بازىرىدا قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، قۇرۇقلۇققا چىققاندا، بۇ كۈچلۈك تەيفىڭ بورىنىنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ مەركىزى نۇقتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شامال كۈچى 14 بالغا يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى