باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە «دېڭىز–ئوكيان» پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

2018.09.13 15:23   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە «دېڭىز–ئوكيان» پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- سېنتەبىر ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە «دېڭىز–ئوكيان» پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

  شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، پۇتىننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تامدىكى ئەينى يىلى جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەن بالىلارنىڭ رۇسىيەدە داۋالىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىرلىكتە تىياتىرخانىغا بېرىپ، رۇسىيە « دېڭىز – ئوكيان » پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزى ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىن كەلگەن بالىلارنى كۈتۈۋالغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى ئىچىدە؛ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: جۇڭگو-رۇسىيە تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان، ئۇلار جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قوشنىلار ۋە ياخشى ھەمراھلاردۇر. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى پۈتتى. 2008- يىلى جۇڭگو ۋېنچۈەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەڭ دەسلەپ ئاپەت رايونىغا كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 996 نەپەر ئوقۇغۇچى ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› پۈتۈن رۇسىيە بالىلار مەركىزىدە كۈتۈنۈپ داۋالىنىپ، ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز ‹‹دېڭىز – ئوكيان›› ئەسلىمىسىنى قالدۇردى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى يەنە ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ زىچ ئالاقە ئالاقىلىشىش تارىخى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى كۈچەيدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش – ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، جۇڭگو – رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى، دۇنيانىڭ كەلگۈسى. ئىككى دۆلەتتىكى بىر ئەۋلاد ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، بالدۇرراق دۆلەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىنى؛ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو – رۇسىيە دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشىنى، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىنى؛ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالاقىسى سۆھبىتىگە تىرىشىپ قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ياشلىق باھارى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوغا بېرىپ مېھمان بولۇپ، دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  پۇتىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان دوستانە مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن. ئىككى دۆلەت ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ، بۇ، رۇسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ تەرەپلەرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلىرىنى دۆلەتلىرىمىزگە كېلىپ كۈتۈنۈپ داۋالىنىشقا ئۆزئارا تەكلىپ قىلىش ئەنئەنىمىز بار. رۇسىيە – جۇڭگو بىر ئەۋلاد ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىنى، ھەمدە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…