باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىستاتىستىكىدا يالغانچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە جازالاشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.09.17 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىستاتىستىكىدا يالغانچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە جازالاشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئىستاتىستىكىدا يالغانچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە جازالاشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  1-ماددا. ئىستاتىستىكىدا يالغانچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە جازالاشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنى، نىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئىستاتىستىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىسستاتىستىكا ئىنتىزامى، قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان جاۋابكارلارنى جازالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپ چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

  2-ماددا. ئىستاتىستىكىلىق نازارەت قىلىشتا چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تىكلەش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزدىكى ئاساسىي ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىستاتىستىكا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ئىستاتىستىكا قانۇن-ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرىنى تۈزەش، ئىسىتاتىستىكا سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستاتىستىكا قانۇن-نىزاملىرىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىستاتىستىكىلىق تۈزۈم كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

  3-ماددا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گۇۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىستاتىستىكىلىق نازارەت قىلىشنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، جايلار، تارماقلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلىپى، ئىستاتىستىكا قانۇن-نىزاملىرى، دۆلەتنىڭ ئىستاتىستىكا ئەمىر- پەرمانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

  (تۆۋەندىكى مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر