باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى

2018.09.13 16:46   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- سېنتەبىر ۋىلادىۋوستوكتا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قېرىنداش، سەمىمىي، مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنى بويىچە، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك. بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم. جۇڭگو موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، موڭغۇل خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن «تەرەققىيات يولى»نى تۇتاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى قوشنا رايونلارنىڭ ئالاقە-ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قوللىشى لازىم. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ چارۋىچىلىق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، موڭغۇلىيەدىن تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ھەمكارلىقىنى ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…