خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنى 12-سېنتەبىر ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، كورېيە زۇڭلىسى لى ناكيون قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ «يىراق شەرقنىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، رايوننىڭ تىنچ-بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىۋېرسال، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تېنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ شەخسەن ئۆزى تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق كېڭىشىپ ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. جۇڭگو ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ھەم قاتناشقۇچىسى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، سىياسىي ئاساسى مۇستەھكەم، سىياسەت كاپالىتى كۈچلۈك، مېخانىزمى مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ رۇسىيە يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى مەن بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بېكىتكەن جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە بىز قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 4- نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، رۇسىيە- جۇڭگو يىراق شەرق رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەرىپلىدى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىراق شەرق رۇسىيەنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي يۆنىلىشى. نۆۋەتتە، يىراق شەرق رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. يىراق شەرقنىڭ تەرەققىياتى − ئوچۇق تەرەققىياتتۇر، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كارخانىلارنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى، يىراق شەرقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. رۇسىيە رايوندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى