خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئېچىلىشىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ۋىلادىۋوستوك شەھىرى مەخسۇس «يىراق شەرق ئۆرپ-ئادەت كوچىسى» تەسىس قىلدى. كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىش، سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىش، يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېتىپ كۆرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدى. كىشىلەر كوچىلارنى سەيلە قىلسا، ھەممىلا يەردە يىراق شەرق رايونىنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ.
روسىيە فېدېراتسىيە مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى VR يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يىراق شەرق رايونىنىڭ قىياپىتىنى نامايەن قىلدى. پىدائىي ئالىننا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ شەھەرنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، دېدى.
رۇسىيە بېلىقچىلىق ئىشلىرى مەھكىمىسى شۇ يەرلىك ئاشپەزلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىپ، مېھمانلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەت تەييارلىدى. ئاشپەز ژىنىيە خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو خەلقىنىڭ رۇسىيە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. ئۇ زىيارەتكە كەلگەن رەئىس شى جىنپىڭگە ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، بىر مەززىلىك تائام قىلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىراق شەرق كامچاتكا يېرىم ئارىلىدىكى كۆرگەزمە سەھنىسىدە، ئوخشاش بولمىغان ئۇسسۇل ئۆمەكلىرىنىڭ ئارتىسلىرى تاماشىبىنلارغا ئىتېلمېن مىللىتى، كورياك مىللىتى، چۇكچى مىللىتى قاتارلىق رۇسىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىنى نامايان قىلدى.
كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا مەدەنىيەت تەرەققىيات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سېرگېي ئىلگىرى جۇڭگوغا بېرىپ ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان، ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى، جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئىككى دۆلەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى