باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ ئاخبارات تورىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قانىلى سەھىپىسى پۈتۈنلەي يېڭىچە ئۆزگەرتىلدى

2018.09.14 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى چىقىش قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ ئاخبارات تورىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قانىلى سەھىپىسى يېقىندا پۈتۈنلەي يېڭىچە ئۆزگەرتىلىپ يولغا قويۇلدى. تور ئادرېسى: (http://dangjian.people.com.cn). بۇ قېتىمقى سەھىپە ئۆزگەرتىش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، پروگرامما قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق سەھىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامايەن قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قامداپ، ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى نۇسخىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى قانىلى ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئۆگىنىش-تەربىيە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەھسۇلاتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن، ئېلان قىلىش بۆلىكى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مۇھىم پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۇچۇرلىرى، مۇھىم نەزەرىيە، ئوبزور ۋە كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆگىنىش-تەربىيە بۆلىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلغار پارتىيە دەرسى دەرسلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە جانلىق ئۆگىنىش تەجرىبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاساسىي قاتلام بۆلىكى ئومۇميۈزلۈك ئورگان، دۆلەت كارخانىسى، غەيرىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرى، شەھەر، يېزا، ئارمىيە-قىسىم قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى جانلىق نامايەن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى ج ك پ ئاخبارات تورىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە پارتىيە قۇرۇلۇشى مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان «شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى يۈرۈشلۈك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»، «خەلق پارتىيە قۇرۇلۇشى بۇلۇتى»، «بۇلۇت پارتىيە دەرسى»، «پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»، «پارتىيە قۇرۇلۇشى مىساللار ئامبىرى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر تور بەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى پارتىيە قۇرۇلۇشى قانىلى ئۆز ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىق قىلىش سۇپىسى، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىش تەربىيەسى بازىسى ۋە خىزمەت تەجرىبە-پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىقلارغا تىرىشىپ ئايلاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر