باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ئالدىنقى شەرت قويماي رۇسىيە-ياپونىيە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش تەكلىپى بەردى

2018.09.13 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 12- سېنتەبىر، ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويماي رۇسىيە-ياپونىيە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش تەكلىپى بەردى.

  پۇتىن شۇ كۈنى 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مەسىلىسىدە 70 يىل سۆھبەتلەشتى. رۇسىيە تەرەپ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھەرقانداق ئالدىنقى شەرت تەسىس قىلىنمىغان ئەھۋالدا رۇسىيە-ياپونىيە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش ھەمدە شەرتنامىدە رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تالاش-تارتىشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى بەلگىلەش تەكلىپى بېرىدۇ.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: ياپونىيە رۇسىيەنىڭ ھەمراھى، رۇسىيە ياپونىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو شۇ كۈنى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىردەك رۇسىيە-ياپونىيە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىماسلىقىنى بىر خىل بىنورمال ھادىسە، دەپ قارايدىغانلىقىنى، رۇسىيە- ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىيەتكە كېلىپ، زېمىن تالاش-تارتىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

  2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شىمالدىكى تۆت ئارال (رۇسىيە جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتايدۇ)نىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە، رۇسىيە- ياپونىيەنىڭ ئىختىلاپى ئېغىر بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزمىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، شىمالدىكى تۆت ئارالنى ئىزچىل رۇسىيە ئەمەلىي كونترول قىلىپ كەلدى. رۇسىيە تەرەپ ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارالنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىق نەتىجىسىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىشى بولىدۇ، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر