دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- چېسلا ۋىلادىۋوستوكتا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ ئاۋۋال يېقىندا ياپونىيەدىكى كانساي رايونى ۋە خوككايدونىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەيفېڭ بورىنى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، ئۇ يەرلەردە ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەنلىكى ۋە مال-مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە رايون مۇھىم دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، ھەمدە گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق- دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، باش ۋەزىر ئابې شىنزو ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ پائال پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى نورمال يولغا چۈشۈپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز داۋاملىق بىرگە ئىلگىرىلەپ، ياخشىلايدىغان ۋەزىيەتنى ساقلاپ، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېڭىدىن تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى