باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى جەنۋەدە جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى

2018.09.12 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى 11-سېنتەبىر ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق «بارچە ئەللەر سارىيى»دا «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتى» تېمىسىدىكى يانداش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  11-سېنتەبىردىكى باش تېما يانداش يىغىنىدا، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن بەش مۇتەخەسسىسى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا جانلىق مىساللار ۋە تەپسىلىي سان-سېفىرلار ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، نامراتلىقنى ئازايتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىن جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  11-سېنتەبىر كۈنى، ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39- قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى گۇي شياۋۋېي يەنە چوڭ يىغىندا سۆز قىلدى. سۆزىدە ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇغۇلۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ يامرىشىنى چەكلەپ، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە شۇ جاينىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر