باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشتى

2018.09.11 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10- سېنتەبىر 8-ئايلىق مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 8- ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشقان بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت كېڭىيىپ، ئۇدا ئىككى ئاي «2» دەۋرىيدە تۇرغان.

  سېلىشتۇرمىدىن قارىغاندا، CPI 8- ئايدا %0.7 ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى شېڭ گوچىڭ تەھلىل قىلىپ، «يېمەكلىك باھاسىنىڭ بىر قەدەر ئۆرلىشى تەسىرىدە، 8-ئايدا يېمەكلىك باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %2.4 ئۆرلىدى، ئۆرلەش دەرىجسى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت كېڭىيىپ، CPIنىڭ ئېشىشىغا تەخمىنەن 0.46 پىرسەنت پوئېنت تەسىر كۆرسەتتى»، دېدى.

  بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، CPI 8-ئايدا %2.3 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، CPI ئوتتۇرىچە %2.0 ئۆسۈپ، 1-ئايدىن 7- ئايغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن تەڭلىشىپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىنغان.

  PPI ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.4 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن. ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى %0.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن؛ تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى %0.3 ئۆسۈپ، 0.1 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن. تەكشۈرۈلگەن 40 كەسىپ چوڭ تۈرىدىن قارىغاندا، 30 تۈرنىڭ باھاسى ئۆسكەن، تۆتىنىڭ تەڭلەشكەن، ئالتىسىنىڭ تۆۋەنلىگەن. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، PPI 8-ئايدا %4.1 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن. 1- ئايدىن 8-ئايغىچە، PPI ئوتتۇرىچە %4 ئاشقان بولۇپ، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن تەڭلىشىپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىنغان. مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، 8-ئايدىكى %4.1لىك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆرلەش دەرىجىسى ئىچىدە، بۇلتۇرقى باھا ئۆزگىرىشىدىكى ئارتۇق قالدۇق تەسىر تەخمىنەن 3.0 پىرسەنت پوئىنت بولغان، يېڭى باھا ئۆرلەش تەسىرى تەخمىنەن 1.1 پىرسەنت پوئېنت بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر