باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ جۇڭگو ساياھەتچىلىرىگە قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋەقەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.09.17 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-سېنتەبىر ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا يۈز بەرگەن جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچراش ۋەقەسىگە قارىتا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شىۋېتسىيەدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ساياھەت ئىش باشقارمىسىدىن ئالاقىدار ئەھۋالنى دەرھال ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېزدىن ئېنىقلاشقا دەۋەت قىلىشىغا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: شىۋېتسىيەدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر چوقۇم بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشى لازىم. ئەگەر خەتەرگە يولۇققاندا، ۋاقتىدا ئۆزى تۇرۇشلۇق ساياھەت ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسىگە دوكلات قىلىشى ياكى شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر