باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

--شى جىنپىڭنىڭ شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان تەبرىك سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.09.14 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  "يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا، بىز مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى." 9- ئاينىڭ 12- كۈنى، 4- نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «يىراق شەرق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ گۈزەل يېڭى كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو تەرەپ رايون ۋە دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، رايونلارنىڭ تىنچ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىۋېرسال ۋە ماس رەۋىشتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزى مۇنبەر يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى. ھەرقايسى ساھەدىكى مېھمانلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەشەببۇسى دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ھەم كەلگۈسى ئۈچۈن ئېنىق بولغان ۋە يولغا قويۇشقا بولىدىغان يول خەرىتىسىنى تەسۋىرلەپ بەردى، ھەمدە بىزنى يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. مەزكۇر رايون خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىش پۇرسىتى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش نەتىجىسى، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ .

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى شېرىكلەر بولۇپ، ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپنىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىدىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2017- يىلى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىدىكى سودا سوممىسى 7 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. جۇڭگو تەرەپ يىراق شەرقىنىڭ ھالقىما شەكىلدىكى 30 نەچچە تەرەققىيات رايونى ۋە ئەركىن پورت تۈرىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا 4 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. جۇڭگو ھازىر رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى ۋە بىرىنچى چوڭ چەت ئەل مەبلىغى مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى سېرگىي گېلازيېف مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، يانچۇقىدىن خەتلىرى رەتلىك يېزىلغان يىغىن ئاڭلاش خاتىرىسىنى چىقىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمەلىي بولۇش ئۇسلۇبىنى نامايان قىلدى. گېلازيېفنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇكى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تۇنجى قاراردىكى سوممىسى 10 مىليارد يۈەن بولغان ۋە ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىليارد يۈەن بولغان جۇڭگو ـ رۇسىيە رايون ھەمكارلىقى تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش فوندىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھازىر يىراق شەرق ھەمكارلىقىنىڭ مول ھوسۇللۇق پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ. گېلازيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ياخشى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

  يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگو - روسىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى يەرلىككە تايىنىپ، يەرلىككە ماكانلىشىپ ۋە يەرلىككە بەخت ئېلىپ كىلىشى كېرەك. يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى قانچىكى قويۇق بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئاساسى شۇنچە پۇختا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر