باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2018.09.13 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغانلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. دۆلەتكە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر