باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭشىن بانكىسى مىللىي ماركا تەرەققىياتىنى قوللىدى

2018.09.13 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭشىن بانكىسى بىلەن شەندۇڭ «رۇيى» رەسىم-يوسۇن مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى يېقىندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، جۇڭشىن بانكىسى بىلەن «رۇيى» گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىقىغا 10 نەچچە يىل بولغان، ئىككى تەرەپ ئىزچىل ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ھەمكارلىق ساھەلىرى ئەنئەنىۋى ئىناۋەت، پۇل مۇئامىلە ئىجارىكەشلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. جۇڭشىن بانكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللىشى نەتىجىسىدە، «رۇيى» گۇرۇھى مىللىي داڭلىق ماركا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغان.

  دۆلەت پاي كونترول سودا بانكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭشىن بانكىسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، جۇڭشىن بانكىسىنىڭ قەرز قالدۇقى 3 تىرىليون 380 مىليارد يۈەن بولۇپ، بىر تۈركۈم مىللىي كەسىپ ۋە مىللىي ماركىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش مۇناسىۋىتى جۇڭشىن بانكىسى ۋە «رۇيى» گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇردى، ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق كەسىپ، مەبلەغ سېلىش بانكا كەسپى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق جەھەتلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭشىن بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق جۇڭشىن گۇرۇھىنىڭ ماس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «رۇيى» گۇرۇھى ۋەكىللىكىدىكى مىللىي كەسىپلەرگە ئەتراپلىق، «كۆپ خىل» پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر