باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى جاۋ چىياڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

2018.09.14 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى جاۋچياڭ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر دېلو ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇش تەۋەلىكى بېكىتىلىپ، ليۇئەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ليۇئەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلەشكە سۇنۇلغان.

  تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا، جاۋابكار جاۋچياڭنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكار جاۋچياڭنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى. شۇنىڭدەك، جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. ليۇئەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2014- بيىلىدىن 2018- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار جاۋچياڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن نازىر قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا تۈر ئىلتىماس قىلىش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى بېجىرىش، ئاپتوموبىل سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىغا ئېرىشكەن، باشقىلاردىن قانۇنسىز پۇل-مال قوبۇل قىلغان، ھەمدە سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغان. ئەنخۇي ئۆلكىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق خىزمەت ھوقۇقى ياكى مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاۋالە قىلغۇچىلارغا نامۇۋاپىق بولغان مەنپەئەت يەتكۈزگەن، باشقىلاردىن پۇل-مال قوبۇل قىلغان، ھەمدە سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغان. ئۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر