باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باشلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى مو جيەنچېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوت ئېچىلدى

2018.09.13 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12-سېنتەبىر ئوچۇق سوت ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باشلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى مو جيەنچېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 1-شۆبە مەھكىمىسى مۇنداق شىكايەت قىلدى: 2000-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، جاۋابكار مو جيەنچېڭ ج ك پ توڭلياۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، توڭلياۋ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى، ج ك پ توڭلياۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ باۋتۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ج ك پ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شىركەت تىجارىتى، قەرز بېجىرىش، تۈر ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلار جەھەتتە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن، ئۆزى بىۋاسىتە ياكى ئوغلى ئارقىلىق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 42 مىليون 590 مىڭ يۈەن پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار مو جيەنچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈلۈپ ئىسپاتنى دەلىللىدى، ئەيىبلىگۈچى- ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ تولۇق پىكىر بايان قىلدى، مو جيەنچېڭ ئەڭ ئاخىرىدا پىكىر بايان قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مو جيەنچېڭنىڭ تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما بولۇپ 70 دىن كۆپرەك كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوتنىڭ توختىتىلىپ ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر