باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىككى تەرەپ كونكرېت تەپسىلاتلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا

2018.09.14 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكا يېقىندا جۇڭگوغا كېڭىشىش تەكلىپى ئەۋەتتى، دېگەن خەۋەرلىرىگە قارىتا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 13- سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭغا قارىتا بىز ھازىر ئۇنى قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسىدەمىز. ئىككى تەرەپ ھازىر بەزى كونكرېت تەپسىلاتلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  گاۋ فېڭ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا كېڭىشىش ئۆمەكلىرى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل شەكىلدىكى ئالاقىلىرىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ قارىشىچە، سودا توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىش ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. گاۋ فېڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرى ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ كەڭ كەسپىي ساھە ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ساداسىغا قارىماي، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىش مۇمكىن بولغان ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلدى. بۇنداق پوپوزا قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى جۇڭگوغا كار قىلمايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز.

  گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، باراۋەر، سەمىمىي سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى نورمال ھالەتكە قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگو تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا جۇڭگو كارخانىلىرىنى جازالىشى مۇمكىن، دەپ جار سالغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى سودا پائالىيەتلىرىگە ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى، جۇڭگونىڭ سودا مۇھاپىزەتچىلىكىنى يولغا قويۇشىغا ئاساسسىز سەۋەب ئىزدىمەسلىكىنى، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا مۇھىتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر