باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش خىزمىتى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ، ئىلگىرىلەشلەر قەرەللىك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ

2018.09.14 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ ئېلان قىلغان «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلارنىڭ «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ ھەمدە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بۇ خىزمەتنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملاش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش خىزمىتى ھازىر تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلگە كىردى. بۇ بولسا، بىر مەيدان بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان، ھەمدە جەزمەن غەلىبە قازىنىش لازىم بولغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى كەم-كۈتسىز ۋە ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنىڭ ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەم بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، تۈزەش تۈرلىرى دەپتىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەشتىكى كونكرېت ئىشلار ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېنىقلاشتۇرۇپ، تۈزەش تۈرلىرى دەپتىرىنىڭ نومۇرلىرىنى ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەشنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئىخچام بولۇش، كۆرسەتمىلىك بولۇش، توغرا ۋە ئۆلچەملىك بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرۇۋاتقان سىنىپى ۋە تەربىيەلەشكە قاتناشقان پەنگە ئاساسەن، پەن تۈرىدىكى كۇرسقا نام قويۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت شەرتىنى قاتتىق ئىگىلەپ، مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشمىگەن پەن تۈرىدىكى ئوقۇتقۇچى 2018- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تۈزەش خىزمىتىنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشتىكى ئاپپاراتلارنى تۈزەش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تۈزەشنىڭ ۋەزىپە مەسئۇلىيەتنامىسىنى دەرىجىمۇدەرىجە ئىمزالاش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەر ئاينىڭ 15- ۋە 30- كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جايلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر