باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش لازىم

2018.09.17 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىدە، لى كېچياڭ مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى، بولۇپمۇ بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سۈرۈشتە قىلدى ھەمدە بىرىنچى سەپتىكى نازارەت قىلىش خادىملىرى بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش»تەك نازارەت قىلىش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئايرىش ئۇسۇلىنىڭ ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى ۋە مۇلازىمىتى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى، سۈپەت ئارقىلىق غەلىبە قىلىشى كېرەك، بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنىڭ يادروسى. «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا ئىگىلەش لازىم.

  ئارقىدىن، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانى توغرىسىدا دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، كارخانىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش تەس بولۇش قاتارلىق ئىنكاس گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى تۈرلۈك توساقلارنى ئېچىپ، كارخانىغا پايدىلىق، خەلققە قولايلىق بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  سۆھبەت يىغىنىدا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى خىزمەت دوكلاتى بەردى. لى كېچياڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشلىگەن زور خىزمەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملىق داۋامىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە، سودا مۇھىتىنى كۈچەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىرىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىرىش بوسۇغىسىنى كېڭەيتىپ، بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى، بولۇپمۇ كىچىك مىكرو كارخانىلارنى قوللاش، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. بازارنىڭ قىل قان تومۇرلىرى راۋانلاشسا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئارتېرىيە تومۇرى تېخىمۇ جۇشقۇن، كۈچلۈك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر