خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر يىغىن نەق مەيدانىدا «AI راكنى دەرقەملىك تەكشۈرۈش» ئۈسكۈنىسىنى سىناپ باقماقتا.
شۇ كۈنى، 2018-يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى شاڭخەيدە باشلاندى. يىغىندا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە ئىقتىدار قوشۇش» باش تېما قىلىندى. 40قا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قاتارلىقلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلىرى، كەسىپ يۈزلىنىشى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، 200دىن ئارتۇق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا مۇنبەر ۋە كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى