سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن (ئوڭدا) بىلەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن پيۇڭياڭدا كۆرۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن پايتەختى پيۇڭياڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن 18-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
كورېيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى سۆھبەت چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش ئىشتاب بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان. كىم جۇڭئىن كىرىش سۆزىدە مون جائىنغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر شىمال-جەنۇب مۇناسىۋىتى، چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىندە ياخشىلىنىش بار، شۇنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇكى، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ ھەم يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ».
مون جائىن: پانمۇنجومنىڭ باھارى ھازىر پيۇڭياڭنىڭ كۈز پەسلىگە ئايلاندى، دېدى، ئۇ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ يېڭى دەۋر يارىتىشقا نىيەت قىلغان كەسكىنلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز، پۈتۈن دۇنيا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا كۆڭۈل بۆلمەكتە. پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ تىنچلىق، گۈللىنىشنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.
كورېيە تەرەپتىن كۆك ساراي دۆلەت ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى جېڭ يىروڭ، دۆلەت ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ شۈن، چاۋشيەن تەرەپتىن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن يىڭجې، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى جىن يۈجېڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.
مون جائىن 18-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيۇڭياڭغا يېتىپ باردى، كىم جۇڭئىن ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى 3-قېتىملىق كۆرۈشۈشى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان چاۋشيەن- ئامېرىكا سۆھبىتىنى قايتا باشلاش قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ. 19-سېنتەبىر، ئىككى رەھبەر داۋاملىق سۆھبەتلەشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى