باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.09.19 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18- سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئېچىپ، بېكىتىلگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلاردا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا، دۆلىتىمىزنىڭ بازار ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. شۇڭا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك، ھەرگىز كەينىگە سۈرۈشكە ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاجىزلىتىشقا بولمايدۇ، بۇ ئىشتا، ھەركىمنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا تېخىمۇ بولمايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ «ئومۇمەن كارخانىلارنىڭ يۈكىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىك» دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېكىتكەن ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپپارات ئىسلاھاتى داۋامىدا ھازىرقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يىغىش سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى لازىم. كارخانىلارنىڭ تارىخىي قەرزىنى تاپشۇرۇشىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋىتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ، مەركەزلىك ئېنىقلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش، ئېلىش، باشقۇرۇش جەريانىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسىنى تېز تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەق ئېلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن ماس قەدەمدە يولغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشتىكى ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، بەزى جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىشقا ھەم زىيادە تايىنىۋالماي، مەبلەغ سېلىشتىن ھەم توختاپمۇ قالماي، چوڭ داۋالغۇشتىن ساقلىنىش تەلىپى بويىچە، سېلىنىدىغان مەبلەغنى بىرقەدەر نورمال ئۆستۈرۈشنى ساقلاش لازىم. بۇمۇ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىر. دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانى ۋە زور ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق كۆك نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، قاتناش غول تورى ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي تۆمۈريول، تاشيول، غول لىنىيە سۇ يولى، تۈگۈنى ۋە تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇم، مۇھىم سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرى، تېخنىكا ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش لازىم. تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى تېزلىتىپ، بالدۇر ئىش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈر زاپىسى ۋە دومىلىما مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا يېتەكلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس زايومى، يۈرۈشكەن مەبلەغنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈرلىرىگە تېزدىن ئاجرىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارا كاپىتالنى قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا پائال جەلپ قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر