باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2018-يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ،

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دەپ تەكىتلىدى

2018.09.18 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەبرىك خېتى

  2018-يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانىچىلار قاتارلىق ھەرساھە زاتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

  يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دۇنيا مىقياسىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. بۇ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ قانۇن، بىخەتەر، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەخلاق- ئېتىكا ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قويۇلغان يېڭى تېمىلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەرقايسى ئەللەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىزدىنىشى لازىم. جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداپ، نەتىجىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو نۆۋەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ئەمەلىي قوللىنىلىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى ۋە شەھەر باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، قوللىنىش بازىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقايسى ئەللەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە ئىقتىدار قوشۇش»تىن ئىبارەت بۇ تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2018-يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2018-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى شاڭخەي 17- سېنتەبىر تېلېگراممىسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى 17-سېنتەبىر شاڭخەيدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قاتارلىق ھەرساھە زاتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دۇنيا مىقياسىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. بۇ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ قانۇن، بىخەتەر، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەخلاق- ئېتىكا ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قويۇلغان يېڭى تېمىلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەرقايسى ئەللەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىزدىنىشى لازىم. جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداپ، نەتىجىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو نۆۋەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ئەمەلىي قوللىنىلىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى ۋە شەھەر باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، قوللىنىش بازىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقايسى ئەللەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە ئىقتىدار قوشۇش»تىن ئىبارەت بۇ تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر