باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.09.18 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن تېخنىكا بولسا، 1- ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدۇر، يېڭىلىق يارىتىش بولسا، تەرەققىياتقا باشلامچى بولىدىغان 1- ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. نۆۋەتتە، دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن تېخنىكا ئىنقىلابى قەد كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. پەن-تېخنىكا كەسىپى ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى كۈچەيتىشى، ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بولسا، پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىدىكى مۇھىم يولدۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلقىنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇللىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، گۈللەنگەن دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. مەن مېھمانلارنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە ئىلىم-پەن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلىم-پەن روھىنى نۇرلاندۇرۇش، ئىلمىي ئىدىيەنى تارقىتىش، ئىلمىي ئۇسۇللارنى تەشەببۇس قىلىش جەھەتتە پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر