باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى، چۇڭياڭ بايرىمىلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2018.09.19 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى «تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى ۋە چۇڭياڭ بايرىمىلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بايرام مەزگىلىدە شەھەر-يېزا ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش، خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتىنى يارىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بايراملىق مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەل رايىنى مايىل قىلىپ، يېڭى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىشتەك ۋەزىپە-بۇرچنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگىلىك يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، دەۋر تۇيغۇسى ۋە ھاياتىي كۈچى مول بايراملىق مەدەنىي پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بايرام مەدەنىيىتىنى يېڭى دەۋرگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى تەلەپكە ماسلاشتۇرۇپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىش جەريانىدىكى مەدەنىيەتكە ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى چىڭىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر