باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

لى پېڭشىن مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2018.09.17 18:06   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

  9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غۇلجا شەھىرىدە باشلاندى. سۈرەتتە: داڭلىق ناخشىچى ليۇ يۈەنيۈەن شۇ كۈنىدىكى باشلىنىش مۇراسىمىدا «تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، دۇڭ لياڭ، جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: كاتتا تەنھەرىكەت مەرىكىسىدە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق مەدھىيە ناخشىسى پۈتۈلدى. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غۇلجا شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق بەيگە مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن جەمئىي 16 تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن مەيدانغا كىرىشكە باشلىدى.

  سائەت 11دە، لى پېڭشىن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئارقىدىنلا، بىر مەيدان ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىشقا باشلىدى. ئويۇن «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئانار قىزاردى»، «يايلاققا مەدھىيە»، «ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. پۈتكۈل ئويۇندا ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىق ئامىللىرى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى تولۇق نامايان قىلىندى. ئويۇن جەريانىدا، يەنە ئىلەڭگۈچ، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش ھەم پۇتبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان ۋە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن كىرىشتۈرۈپ ماھارەت كۆرسىتىلىپ، ھەممەيلەننى قايناق ھېسسىياتقا چۆمدۈرۈپ، چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى.

  بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلىق، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق 16 چوڭ تۈر، 130 كىچىك تۈر ۋە مەررە توپ، دارۋازلىق قاتارلىق سەككىز ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 2023 نەپەر تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر ۋە رېپىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ ھەم تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇردى، ھەم شىنجاڭدىكى جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد يۈكسەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۈچ ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، مۇتەللىپ ئوبۇل، مۇتەللىپ مەتتوختى، غەيرەت ئۆمەر باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…