9- ئاينىڭ 19- كۈنى، چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيوڭياڭدا، چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئىن (ئوڭدا) بىلەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن «9- ئاي پيوڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر پيوڭياڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مون جائىن 19- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بەيخۇا گۈللۈكى مېھمانخانىسىدا جىن جېڭئېن بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «9- ئاي پيوڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويۇشۇپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى بالدۇرراق ئىلگىرى سۈرۈش، شىمال-جەنۇب ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى