باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىدىن بەزى ئەلچىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ۋە بەزىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

2018.09.26 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن،جۇڭگونىڭ تۆۋەندىكى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ۋە بەزىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى:

  بىرىنچى: يولداش بيەن جىيەنچياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىنېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  خۇاڭ ۋېي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىنېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

  ئىككىنچى: ما كېچىڭ (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جاڭ جيەنمېن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

  ئۈچىنچى: چۈ شىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلگىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  ساۋ جۇڭمىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلگىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

  تۆتىنچى: شى جۇڭجۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت ۋيېنا ئىش باشقارمىسى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  ۋاڭ چۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت ۋيېنا ئىش باشقارمىسى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر