باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى باجۋا بىلەن كۆرۈشتى

2018.09.20 16:25   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى باجۋا بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19- چېسلا خەلق سارىيىدا پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى باجۋا بىلەن كۆرۈشتى.

  باجۋا ئالدى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارىف ئالۋى ۋە زۇڭلىسى ئىمرانخاننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە باجۋاغا زۇڭتۇڭ ئالۋى ۋە ئىمرانخانغا سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشتىكى شېرىكلەر ۋە ئىشەنچلىك دوستلاردۇر. ئىككى تەرەپ مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى، جۇڭگو پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باشتىن ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە يۈكسەك دەرىجىدە بىر-بىرىگە ئىشەندى. جۇڭگو پاكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ماختىدى. پەقەت يۈكسەك دەرىجىدە بىر بىرىگە ئىشەنگەندىلا ۋە ھەقىقىي تەدبىر قوللانغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ . نۆۋەتتە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولماقتا. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە ھەمكارلىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قارشى تەرەپنى قەتئىي قوللىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ