باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ پاكىتلىرى ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2018.09.25 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ پاكىتلىرى ۋە جۇڭگونىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاپنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساس-سودا سۈركىلىشىدىكى سىياسىي مەيدانىنى شەرھىيلەش، شۇ ئارقىلىق، مەسلىنىڭ مۇۋاپىق ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىندى.

  ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 36 مىڭ خەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇقەددىمىسىدىن باشقا، جەمئىي ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ھەمكارلىقىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش پاكىتلىرى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ پاكىتلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا قورۇقچىلىق ھەرىكىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا زومىگەرلىكىدەك قىلمىشلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان زىيىنى ۋە جۇڭگونىڭ مەيدانى.

  ئاق تاشلىق كىتاپتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئامېرىكا بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ھەم ئىككى دۆلەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەم يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە.

  ئاق تاشلىق كىتاپتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياد باسقۇچلىرى ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا، ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشلىرىنىڭ بولۇپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋال. ئەمما، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولسا، قانداق قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىلاپلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا. ئۇزاقتىن بېرى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى باراۋەر بولۇش، ئاقلانە بولۇش ۋە ھەمدەمدە بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جۇڭگو-ئامېرىكا سودا بىرلەشمە كومىتېتى، ئىستراتېگيەلىك ئىقتسادىي سۆزلىشىش، ئىستراتېگيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي سۆزلىشىش قاتارلىقلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېقىنقى 40 يىلدا تۈرلۈك توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىش نەتىجىسىدە، ئۇ ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە تۈرتكۈسىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر