باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 2018ـ يىللىق يازلىق داۋۇس مۇنبىرىگە قاتناشقان ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2018.09.21 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 20- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن مېيجياڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە، 2018ـ يىللىق يازلىق داۋۇس مۇنبىرىگە قاتناشقان سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىللە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  لى كېچاڭ جۇڭگودا پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە دۇنيا سودا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.

  جۇڭگو پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسى بولسا، ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، ئىقتىساد سەۋىيەسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىشنى قارار قىلدۇق. "ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە +پاسسىپ تىزىملىكى"نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. نۆۋەتتە، بانكا پاي نىسبىتىنىڭ چەكلىمىسى قويۇۋېتىلدى، كەلگۈسىدە سۇغۇرتا ۋە ئاكسىيە پاي نىسبىتىنىڭ چەكلىمىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، جۇڭگودا باج بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشتى، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشىدىكى ئىپادىسى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %15تىن يۇقىرى بولدى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى داۋاملىق رەۋىشتە زور دەرىجىدە ئاشتى، باج مەنبەسى كۆپەيدى. كېيىنكى يېرىم يىلدىن بۇيان، باج كېمەيتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ روشەن بولۇشىغا ئەگىشىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ باج كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھالدا باج كېمەيتىش ۋە تېخىمۇ روشەن ھالدا ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويىمىز. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىش ۋە دادىل راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ھۆكۈمەت پاك-دىيانەتلىك بولۇش كېرەك، لېكىن، كارخانىچىلارنى قىيناپ قويماي، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر