خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كەچتە، جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا بېيجىڭدا دەم ئېلىۋاتقان كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلېنى سەمىمىي يوقلىدى.
شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پادىشاھ سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلېنىڭ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو–كامبودژا مۇناسىۋىتى قويۇق ۋە ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر تارىخىي ھېسسىيات سىڭگەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى شاھىنشاھ سىخانوك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئورناتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان جۇڭگو–كامبودژا دوستلۇقى كۈنسايىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا. پادىشاھ سىخامونى بىلەن ۋالىدىخان مونىلې جۇڭگو–كامبودژا دوستلۇقىنى قەلبىگە پۈكۈپ، جۇڭگو–كامبودژا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خان جەمەتى بىلەن بولغان ئالاھىدە دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. 2016– يىلىدىن ھازىرغىچە، مەن پادىشاھ سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلې بىلەن ھەر يىلى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندەك كۆرۈشۈپ تۇردۇم. بىز پادىشاھ سىخامونى بىلەن جۇڭگو–كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى خۇددى ئۇرۇق–تۇغقانلاردەك دائىم بېرىش–كېلىش قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى