خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مارىلاند ئىشتاتى خارفورد ناھىيەسىدە، خارفورد ناھىيەسىنىڭ ساقچى باشلىقى جېفرى گاللې (ئالدىدا) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شۇ كۈنى، خارفورد ناھىيەسىدىكى بىر كارخانا رايونىدا ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئوققا تۇتۇش دېلوسىدا بىر نەچچە ئادەم قازا قىلغان، يەنە بىر قانچە ئادەم يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى