باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.09.21 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: غەربىي رايون يەرمەنكىسى ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى بولۇپ، جۇڭگو غەربىي رايونلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا قاتنىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو غەربىي رايونلىرىنىڭ زىمىنى كەڭ، بايلىقى مول، پۇرسەتكە تولغان بولۇپ، ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو غەربىي رايونلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ئارقىلىق غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، قۇرۇقلۇق-دېڭىز، چېگرا ئىچى-سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق-غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك غەربىي رايون يەرمەنكىسى «جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرى، غەربىي رايوننىڭ يېڭى نەتىجىلىرى»نى ئاساسىي تېما قىلغان، دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگو غەربىي رايونلىرىنىڭ تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا پائال ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆز ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشىنى، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر