باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمىگە چاقىرىش ئومۇمىي لايىھەسى بېكىتىلدى

2018.11.05 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كارخانىلار كۆرگەزمىسىگە تىزىملىتىش خىزمىتى باشلانغان. كۆرگەزمىگە چاقىرىش ئومۇمىي لايىھەسى بېكىتىلگەن، جابدۇق، ئىستېمال، يېمەكلىك، ساغلاملىق، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەك تەسىس قىلىنغان.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن چېڭخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كارخانا كۆرگەزمىسىگە تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى، ھازىرغا قەدەر، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كارخانىلىرى تىزىملاتتى، تۇتاشتۇرۇش خىزمىتى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، قىسمەن كارخانىلار توختام ئىمزالىدى، بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە كەسىپتىكى باشلامچى كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جابدۇق، ئىستېمال، يېمەكلىك، ساغلاملىق، مۇلازىمەت قاتارلىق بىر قانچە ساھەگە چېتىلىدۇ.

  سۈن چېڭخەي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە چاقىرىش ئومۇمىي لايىھەسى بېكىتىلىپ بولدى، كۆرگەزمىگە چاقىرىش ئومۇمىي كۆلىمى، كۆرگەزمە مۇددىتى، كۆرگەزمە دائىرىسى ۋە كۆرگەزمە ئورنىنىڭ باھاسى تۇنجى نۆۋەتلىك بىلەن ئاساسەن بىردەك بولدى ھەمدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سەرخىللاشتۇرۇلدى ۋە تەڭشەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر