باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» چىقىرىلدى

2018.10.15 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى چېڭشى رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، رايون قارىمىقىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئۈندىدار، QQ خىزمەت توپى قاتارلىق ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىلىرىغا بولغان باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كەڭ ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر خىزمەت، ئۆگىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، چېڭشى رايونىدا «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدىكى ‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق›نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» چىقىرىلغان.

  بۇ بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۇپىلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلىشتا تۆۋەندىكى «بەشنى قىلىش»قا ئەمەل قىلىش لازىم، بىرىنچىدىن، مائارىپ فاڭجېنى ۋە سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئۇچۇر ئالاقە قېتىم سانىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش؛ تۆتىنچىدىن، مەدەنىي، ئەدەپلىك بولۇش، ئادەتتە ئاۋازلىق پاراڭلاشماسلىق، خۇسۇسىيلاشقان چىراي ئىپادىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك؛ بەشىنچىدىن، قېلىپلاشقان، ئېھتىياتچان بولۇش؛ ئۇقتۇرۇش ئەۋەتكەندە، مۇنتىزىم خەت-چەك تەلىپىدىن پايدىلىنىش لازىم.

  «بەشنى قىلماسلىق» تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىدىن، دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئەۋەتمەسلىك، ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمەت ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم، كەڭ ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تاپشۇرۇق، نەتىجە قاتارلىقلارنى ئەۋەتمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم، پىكىر ئالماشتۇرۇش توپىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەنقىد، تەقدىرلەش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتماسلىق، بېلەت تاشلاش، باھالاش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتماسلىق لازىم. ئۈچىنچىدىن، رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ياردەم سوراش، خەير-ئېھسان، ئىئانە توپلاش قاتارلىق پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتمەسلىك لازىم. «خۇشامەت توپى»نىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەتتىكى ئۇقتۇرۇشلاغا قارىتا، پىرىنسىپ جەھەتتىن يۈرەك بەرمەسلىك، قايتۇرماسلىق لازىم. تۆتىنچى، خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز سۆز، رەسىم، ئۇلىنىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەۋەتمەسلىك لازىم. مەسىلەن، سودا ئېلانى ياكى تاۋار سېتىش قاتارلىقلار. «ئېلان توپى»نىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش خىزمەتچىلىرىنىڭ «تور سودىسى» قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. بەشىنچىدىن، باشقىلارنىڭ يوشۇرۇن ئۇچۇرلىرىنى يوللىماسلىق لازىم.

  چېڭشى رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ سۇپىغا بولغان باھالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سۇپا باشقۇرۇشنى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان خىزمەتتىكى كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچىلارغا قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ بولغان پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار، ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلىنغان خادىملار قەتئىي ئىشتىن بوشىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر