باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى» جۇڭخۇا زېمىنىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

__ جۇشقۇن ياشلىق ئارزۇسىنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈش

2018.10.12 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «سىلەرنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئەقىل ئىقتىدارىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىرادە، پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشلىرىدە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشلىقىڭلار ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ رەڭدار سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  بۇ 2017-يىلى 8-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»دىكى ئىستۇدېنتلارغا يازغان جاۋاب خېتىدىكى بىر ئابزاس سۆز.

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئىستۇدېنتلار بۇ سۆزلەرنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىدى ھەمدە باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيەتتە ئەمەلىيلەشتۈردى:

  جىڭگاڭشەننىڭ شېنشەن كەنتىدە، ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى سېرىق شاپتۇل يېتىشتۈرۈش كەسپى قاتارلىق كۆپ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، شېنشەن كەنتىدىكى 20 نامرات ئائىلىنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى؛

  جېجياڭ يۈياۋدا، ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى لياڭنۇڭ قىزىل رادىيو ئىستانسىسى قۇرۇپ، 30 نەچچە سان پىروگرامما ئىشلەپ، 200 نەچچە مىڭ قېتىم قويۇپ، قىزىل مۇنبەت تۇپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، قىزىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇردى؛

  خۇنەننىڭ شىبادۇڭ كەنتىدە، ئىستۇدېنتلار مياۋشيۇ كوپىراتىپىدىكى كەشتىچىلىك تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا تەشكىللەپ، «كەشتىلىك شىبادۇڭ»نى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى؛

  ……

  2017-يىلى 106 كوللېكتىپ يەنئەنگە بېرىپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇلۇغ ھەم مۇشەققەتلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى نەق مەيداندا ھېس قىلىپ، «ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش» يېڭى ئەمەلىيەتنى باشلىشىدىن 2018-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 700 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 140 مىڭ ئەترەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دەل جايىدا يۆلەشكە پائال ئاتلىنىشىغىچە، بىر يىلدىن بېرى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى» قوشۇنى كۈنسېرى زورايدى، ياشلار كەڭ زېمىندا يىلتىز تارتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىرادە، پەزىلىتىنى تاۋلاشتەك مەنىۋى ئىستىكى جۇڭخۇا زېمىنىدا مەۋج ئۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر