خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنزو بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتىگىيەلىك پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىشى، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىدا ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى لازىم. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تارىخىي قىسمەتلىرىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئافرىقا ئەللىرى خەلقىنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»تىكى ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر- بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى يارقىن نۇقتا بەرپا قىلىپ، ئانگولا تەرەپنىڭ سانائەتلىشىش ۋە ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. خادىملار ۋە يەرلىك ئۆلكە- شەھەرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئانگولا مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئەل قەلبىنىڭ تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئورتاق قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، خەلقئارا تەرتىپىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى