باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لياڭ چاۋ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا

2018.10.09 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (نازىر دەرىجىلىك)، سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لياڭ چاۋ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

  لياڭ چاۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  لياڭ چاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ فۇشۇندىن، 1985-يىلى 6-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1985-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، دوتسېنت.

  2018-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (نازىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى. (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر