باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش، ئۇنى كونترول قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈز بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك

2018.09.29 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى خەلقنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى كونترول قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۈز ۋە قىشلىق ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىگە كىردى، باشتىن-ئاخىر بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ تارنى چىڭىتىپ، مۇداپىئەنى ئاساس، مۇداپىئە بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، ئورمان، ئوتلاق تارماقلىرىنىڭ ساھە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت مۇداپىئەسىنى كۆزىتىش، ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇش، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر دەرىجىلىك جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش تارماقلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاگاھلاندۇرۇشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە كۈچلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈز بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ يۇڭ 28-سېنتەبىر مەملىكەتلىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقى بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر