باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەربىي تەلىم ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2018.09.30 17:19   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەربىي تەلىم ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-سېنتەبىر 79-جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستېراتىگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ-ۋەزىپىسىگە يېقىن تۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر سۇبيېكتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك.

  ئالتۇن كۈزدە، لياۋنىڭنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق، سالقىن بولۇپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە، شى جىنپىڭ 79-جىتۈەنجۈنىنىڭ مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈسى مەشىق مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن قىسىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى. شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ قوماندانلىققا ماسلىشىش، جەڭ تاكتىكىسىنى ئىشلىتىش، جابدۇقلارنى يېڭىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ناھايىتى خۇش بولدى.

  شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ ئاساسلىق قورال – جابدۇقلىرىنى تەكشۈردى. قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ماھارەت تاكتىكا ئىقتىدارى قانداقراق؟ ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا ياخشى ئىشلەتكىلى بولامدۇ-يوق؟ ياخشىلاشقا تېگىشلىك تەرەپلىرى بارمۇ؟ شى جىنپىڭ بۇلارنى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

  جى 10-قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بولسا، دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى، شى جىنپىڭ بۇ تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا چىقىپ، مەخسۇس ئۇچقۇچىلار قالپىقىنى كىيىپ، ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرىدىغان قورال ۋە قارىغا ئېلىش- كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ كۆرۈپ، ئالاقىدار قورال-ياراغ ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  شى جىنپىڭ ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىقىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇ ئايرودورۇم قوماندانلىق مۇنارىغا چىقىپ، نەق مەيداندا قىسىمنىڭ ھەرىكەت مانېۋېرىنى كۆردى. نەچچە ئون تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇرۇش سېپى بويىچە ئالدىن يۈرەر رازۋېدكا توپى، ئوت كۈچى زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى، ئايروپىلاننى قوندۇرۇپ زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى ۋە بوشلۇقتا كاپالەتلەندۈرۈش ئەترىتى بولۇپ تەشكىللەندى. ئوت كۈچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش توپى تەرتىپ بويىچە كونترول مۇنارىدىن ئۆتۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا يوشۇرۇن ھەرىكەتچانلىق، تارقاق مۇداپىئەلىنىش ۋە ھاۋادا ئېلىشىش، تاكتىكىلىق ئۆزىنى قاچۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش تاكتىكىلىرىنى، تاكتىكا ئەترىتى يېقىندىن رازۋېدكا قىلىش، ئايروپىلاندىن تۇيۇقسىز چۈشۈپ زەربە بېرىش، ھاۋا بوشلۇقىدا يېقىن ئارىلىقتىن ئوت كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش قاتارلىق تاكتىكىلارنى ئارقىمۇ-ئارقا قوللىنىپ نامايان قىلدى. بىر دەمدىلا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غۇيۇلداپ ئۇچۇپ، تۆمۈر قاناتلار پەرۋاز قىلىپ، ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتى ئايروپىلاندىن سىيرىلىپ چۈشۈپ، چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەت قىلدىدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ قولىغا دۇربۇن ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، قىسىمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ساپاسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مەشىق ئاخىرلاشقاندا، قىسىم كوماندىرلىرى قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھەيدىگەن ھالدا قوماندانلىق قىلىش مۇنارىغا يۈزلىنىپ، ئايروپىلاننىڭ بېشىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن رەئىس شى جىنپىڭغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ