ئېلىمىزنىڭ «ئەرش ئوردىسى 2-» ناملىق بوشلۇق تەجرىبىخانىسىدا، تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى تەجرىبىسى تاماملاندى، بۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك فىزىئولوگىيەسى ۋە ئېكولوگىيەسى تەتقىقات ئورنى تەجرىبىخانىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان يالغان ئاق چېچەك؛ بۇ، «ئەرش ئوردىسى 2-» ناملىق بوشلۇق تەجرىبىخانىسىدا تېرىلغان يالغان ئاق چېچەك بىلەن ئوخشاش بىر سورت بولۇپ، ئىككىسى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ (9-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ جيەنسۇڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەرش ئوردىسى 2-» ناملىق بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ئوربىتىدا يۈرگۈزۈلگەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، نۇرغۇن بوشلۇق ئىلمى ۋە قوللىنىش تەجرىبىسى قانات يايدۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «ئۇرۇقتىن ئۇرۇققىچە» بولغان بوشلۇق ئۇزۇن دەۋرىيلىك يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ئېلىمىز بوشلۇقتا ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تەرەققىياتى، ئىنسانىيەتنىڭ بوشلۇقتا ئۇزاق ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئىزدىنىشتە يەنە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى