خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مىكروبىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ياۋ گاڭنىڭ پارىخورلۇق ۋە يوشۇرۇن سودا دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار ياۋ گاڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ھەمدە 7 مىليون يۈەن ئىشتىراف قويۇلدى، يوشۇرۇن سودا جىنايىتى بىلەن ئالتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ھەمدە تۆت مىليون يۈەن ئىشتىراف قويۇلدى، مۇددەتلىك 18 يىللىق قاماق جازاسى ئىجرا قىلىنىش قارار قىلىندى، ھەمدە 11 مىليون يۈەن ئىشتىراف قويۇلدى؛ ياۋ گاڭنىڭ پارىخورلۇق ۋە يوشۇرۇن سودا ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇل-ماللىرى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىلىرى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.
سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 2006- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، جاۋابكار ياۋ گاڭ جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى، مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، سېتىۋېلىپ قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش ۋە پاي ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار جەريانىدا، پاي چېكى توختاپ قايتا ئىش باشلاش ۋە مەمۇرىي جازادىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىشلىرىدا، ئالاقىدار ئورۇنلارغا ياردەم قىلغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۇ ئورۇنلاردىن قانۇنسىز ھالدا 696 مىليون 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى قوبۇل قىلغان. 2007- يىلى 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، ياۋ گاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى ۋە تارقىتىش-نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ بازارغا چىقىشىغا ئالاقىدار ئىچكى ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلىۋالغان باشقىلارنىڭ پاي چېكى ھېساباتىنى ئىشلىتىپ، مۇناسىۋەتلىك پاي چېكى سودىسى توختاشتىن بۇرۇن سېتىۋېلىش، سودا قايتا باشلانغاندىن كېيىن يەنە سېتىۋېتىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، قانۇنسىز ھالدا 2 مىليون 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى پايدا ئالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى