خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، دىيامېتىرى ئەڭ چوڭ لاي بالانىسلىق تونېل قېزىش ماشىنىسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ كۈنى، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان، دىيامېتىرى ئەڭ چوڭ لاي بالانىسلىق تونېل قېزىش ماشىنىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. دىيامېتىرى 15 مېتىر 80 سانتىمېتىر، بەش قەۋەت بىنانىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى بۇ تونىل قېزىش ئۈسكۈنىسى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھى، جۇڭگو تۆمۈريول تونېل قېزىش ئىدارىسى گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسالدى. بۇ، شېنجىن شەھەرلىك باھار شامىلى تونېل قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى