9-ئاينىڭ 29- كۈنى، تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى دون مۇئاڭ ئايرودۇرۇمىدا، ئايرودۇرۇم باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇتىراۋا (ئوتتۇرىدا) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تايلاند بانكوك دون مۇئاڭ ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇتىراۋا 29- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر نەپەر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ بۇ ئايرودۇرۇمدا تاياق يېگەنلىك ۋەقەسى بىلەن كەچۈرۈم سورىدى، ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاند جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى