خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار قانۇنسىز ھالدا بېكەت سىرتىدا يولۇچى سېلىۋالغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش ماشىنىلىرىنى توسۇپ تەكشۈرۈش قىلماقتا.
شۇ كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ فېڭشيەن شۆبە ئىدارىسىدىكى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى يەنە رايونلۇق قاتناش كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە، ئۇزۇن يوللۇق تىرانسپورتى شوپۇرلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا بېكەت سىرتىدا يولۇچى سېلىۋېلىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا خالىغانچە توختاپ يولۇچى ئېلىۋېلىش، تىجارەت ئاپتوموبىللىرىنى كىنىشكىسىز ھەيدەش دېگەندەك قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى