باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.09.27 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۈزلەنگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ). «چارە»دە، مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پائالىيەت تەننەرخىنى باشقىچە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ھەقسىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىۋالماسلىق؛ قاتتىق تىزگىنلەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۈزلەنگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش، پىرىنسىپ جەھەتتىن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكىلەرگە يۈزلەنگەن مۇسابىقە پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرماسلىق كېرەك.

  تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرى زىيادە كۆپ بولۇپ، چەت جايلاردا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىمۇ بۇنىڭغا ئارىلاشسا، بۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  «چارە»دە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۈزلەنگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك زېھىن سىناش مۇسابىقىسى پائالىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاساسىي گەۋدىسى (ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ) مەركەز ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تىزىملىغان رەسمىي ئاپپارات بولۇشى، قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى شەرت. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ چوقۇم ئىناۋىتى ياخشى بولۇشى، ناچار خاتىرىسى بولماسلىقى، بىر قەدەر كۈچلۈك كەسپىي تەسىر كۈچى ۋە ئىلمىي كوللېكتىپقا ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق نىزامغا خىلاپ قىلمىشى بار بولۇپ، مۇسابىقە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ قايتا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ رەسمىي ئىلتىماس خېتى، پائالىيەت قانۇن-نىزام ئاساسى، قوللانمىسى، قائىدە خاراكتېرلىك قانۇن ھۆججەتلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقۇرۇش ئۆمىكى، مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى، مەبلەغنىڭ كېلىش ئورنى، شەرتكە كاپالەتلىك قىلىشى، چېكىنىپ چىقىش ئۇسۇلى، ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار؛ يەنە مەسىلەن، ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش، مۇتەخەسسىسلەرگە بىۋاسىتە باھالىتىش قاتارلىق مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئىشلار، يەنە مەخپىيەتلىكنى قوغداش تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر